رۇسىيە دونالد ترامپنىڭ G7 تەكلىپىگە جاۋاپ قايتۇردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ G7 رەھبەرلىرى يىغىنىغا رۇسىيەنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا جاۋابەن، رۇسىيە ئېلان قىلغان باياناتتا، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دىيالوگنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1427292
رۇسىيە دونالد ترامپنىڭ G7 تەكلىپىگە جاۋاپ قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتلىق سارىيى (كرېملىن) ترامپقا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى تەكلىپنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ G7 دۆلەتلىرىنىڭ مۇددىتى توشقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىندى.

ترامپ: «مەن G7 نىڭ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا توغرا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىمەن» دېگەن ئىدى.

ترامپ يەنە، «بىز بۇ گۇرۇپپىغا روسىيە، ھىندىستان، كورېيە ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز » دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

G7  گۇرۇھى، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر