ھەربىي ئىسيانچى خەلىپە ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا قازا قىلدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە مىلىتانلارنىڭ پايتەخت تىرابلۇسقا قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا قازا قىلدى.

1426881
ھەربىي ئىسيانچى خەلىپە ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئىمىن ئەل ھاشىمى يازما باياناتىدا، ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پايتەخت تىرابلۇسقا راكېتامىيوت ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمىن ئەل ھاشىمى راكېتامىيوتلارنىڭ پايتەخت تىرابلۇسقا قاراشلىق سۇق ئەس سۇلەسا رايونىدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا چۈشكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا 5 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەمىدى.

ھافتەر ئۇنسۇرلىرى 1 - ئايدىن بۇيان پايتەخت تىرابلۇسقا قاراشلىق پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا يۈزلىگەن راكېتامىيوتلارنى ئېتىپ، ئارىسىدا ئونلارچە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن پۇقرالارنىڭ يارىدار بولىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر