ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش گېرمانىيەگىچە كېڭەيدى

ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان جورج فلويىد ئۈچۈن گېرمانىيەدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1426507
ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش گېرمانىيەگىچە كېڭەيدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلارغا بىنائەن نەچچە مىڭلىغان كىشى بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە ئىرقچىلىقىقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار «ئاق تەنلىكلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى زوراۋانلىقتۇر»، «جورج فلويىدقا ئادالەت»، «ئادالەت بولماي تۇرۇپ تىنچلىق بولمايدۇ»، «قارا تەنلىكلەرنىڭمۇ ھاياتى مۇھىم» ۋە «سۈكۈت قىلىش سېنىمۇ جىنايەت شېرىكىگە ئايلاندۇرىدۇ» قاتارلىق لوزىنكىلار بىلەن بىرگە جورج فلويىدنىڭ  سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نۇتۇقلاردا جورج فلويىد دۇچ كەلگەن زوراۋانلىقىنىڭ يەككە ھادىسە ئەمەسلىكى ۋە بۇ قىلمىشنىڭ ئەسلىدە، مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن يۈزى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

گېرمانىيەدىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىرقچىلىق زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن نۇتۇقتا، (ئۆكتەبىردە) خاللې ئىبادەتخانىسىدا ۋە (مارت ئېيىدا) خاناۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرى (4 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنى قوشقاندا،  9 كىشى قازا قىلغان) ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

ساقچىلار نامايىش جەريانىدا ئەلچىخانا ئالدىدا كەڭ – كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

ئامېرىكىدا 46 ياشلىق جورج فلويىدنىڭ سەيشەنبە كۈنى مىننېپولىس ئىشتاتىدا ئالدامچىلىق جىنايەتچىسى دېگەن گۇمان بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىۋاتقاندا، بىر ساقچىنىڭ ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭ بوينىنى تىزى بىلەن بېسىشى سەۋەبىدىن «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دەپ يالۋۇرغانلىقى، بالنېستقا ئېلىنغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ يانفونلىرى ئارقىلىن تارتقان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر