مىسىر ئارمىيەسى سىنانىڭ شىمالىدا 19 نەپەر قوراللىقنى ئۆلتۈردى

مىسىر ئارمىيەسى سىنانىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، 19 نەپەر قوراللىقنى ئۆلتۈردى

1426698
مىسىر ئارمىيەسى سىنانىڭ شىمالىدا 19 نەپەر قوراللىقنى ئۆلتۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە باياناتچىسى تامىر ئەر رىفائىي يېقىندا سىنانىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە ئارمىيەنىڭ 19 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تامىر ئەر رىفائىي ھەرىكەت جەريانىدا 5 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ياكى يارىلانغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

تامىر ئەر رىفائىي ھەرىكەتتە يەنە، پارتىلاتقۇچ دورا، ئاپتوماتىك مىلتىق ۋە RPG راكېتامىيوتلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر