جەرابلۇستا ئاپتوموبىل بومبا پارتىلاپ، 2 ئادەم يارىلاندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى جەرابلۇس ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتىلاپ، 2 ئادەم يارىلاندى.
1426489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فىرات قالقىنى» ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرورچىلاردىن تازىلانغان جەرابلۇس ناھىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ھۇجۇمدا 2 كىشى يارىلاندى. پارتىلاش نەتىجىسىدە ئاپتوموبىل ئىشلىتىلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى، ئەتراپقا ماددى زىيان يەتكۈزدى.
بىخەتەرلىك قىسىملىرى «ھۇجۇم بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولىشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا.
تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK تەل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پات پات باب، ئازەز، جەرابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىنى تېرورلۇق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.