دونالد ترامپ G7 رەھبەرلەر يىغىنىنى سېنتەبىرگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان G7 رەھبەرلەر يىغىنىنى سېنتەبىرگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1426512
دونالد ترامپ G7 رەھبەرلەر يىغىنىنى سېنتەبىرگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ فلورىدادىن قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ۋاشىنگتوندا يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مەن باشلىقلار يىغىنىنى 9-ئايغا كېچىكتۈردۈم، بىز رۇسىيە، ھىندىستان، كورېيە ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭمۇ بۇ گۇرۇھقا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

تىرامپ يەنە «مەن G7 نىڭ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا مۇۋاپىق ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىمەن. بۇ بىر تۈركۈم دۆلەتلەر گۇرۇھى مۆھلىتىنى تولدۇرۇپ بولدى» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

G-7 گۇرۇھى كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 7 دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ.

G-7 رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ 10- ئىيۇندىن 12- ئىيۇنغىچە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى «لاگېر داۋىد» مەكتەپ بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىشى پالانغان بولۇپ، ئەمما يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن توردا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىدى.

ترامپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نورماللىشىش باشقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئىما قىلىپ، يىغىنىنى يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى كەيلېي ماكېنىيمۇ تىرامپنىڭ رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر