ترامپ: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتاي كونترول قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1426143
ترامپ: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتاي كونترول قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي بىلەن ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە ئىجابىيلىق ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ، ئەمما بۇ مۇناسىۋەتتە مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز قوغدىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى. بۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھەقىقەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىش، ياكى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۆلىتىمىز پىكرىي مۈلكىيەت ھوقۇقىنى قوغداشنى نىشان قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېت تەتقىقاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قاراۋاتقان خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توختىتىمىز. خىتاي دائىرىلىرى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> ئوتتۇرىغا چىققان چاغدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، ھەتتا دۇنيانى خاتا يولغا يۈزلەندۈرۈشى ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈستىدە مۇتلۇق ھاكىمىيىتى بار. ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يىلىغا 450 مىليون دوللار ياردەم قىلسا، خىتاي پەقەت 40 مىليون دوللار بېرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن، ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى رەت قىلدى. شۇنچە زۆرۈر بولۇشىغا قارىماي، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىتىمىزنى بۈگۈندىن باشلاپ ئۈزىمىز. بۇ تەشكىلاتقا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك سەھىيە ئورگانلىرىغا بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر