لىۋىيەدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىنتىقام جىنايەتلىرى

لىۋىىيەدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقان بىر لىۋىيەلىكنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن،  ئۇنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ئىنتىقام ئۈچۈن 30 كۆچمەننى ئۆلتۈردى.

1425590
لىۋىيەدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە ئىنتىقام جىنايەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى مىزدە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى گۇماندانى «ي. م. ئا» ئىسىملىك لىۋىيە پۇقراسى، ئەتكەسچىلىك قىلىۋاتقاندا كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئاندىن يېقىن - يورۇقلىرى ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن 26 سى باڭلادېشلىق، 4 ى ئافرىقالىق بولۇپ، 30 كۆچمەننى ئۆلتۈرگەن. ئېغىر يارىلانغان 11 كۆچمەن دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر