ترامپ: ئاممىۋى تاراتقۇلارغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز ياكى تاقايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا قارىتا بىرقاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى ياكى تاقايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1424983
ترامپ: ئاممىۋى تاراتقۇلارغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز ياكى تاقايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى تاراتقۇ مۇنبەلىرى 2016 – يىلقى سايلاملارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، 2020 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغىمۇ مۇداخىلە قىلىشنى پىلانلىماقتا. جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاممىۋى تاراتقۇ مۇنبەلىرىنىڭ مۇھاپىزىكارلارنىڭ سادالىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز. جۈملىدىن، بۇ مۇنبەلەرگە قارىتا يا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز، ياكى ئۇلارنى تاقايمىز.»

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter ترامپ ھەمبەھرىلەشكەن ئۇچۇرلارغا «ئۇچۇرنى جەزملەشتۈر» خەتكۈچىنى قوشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر