ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1424064
ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ترامپقا چېكىنىش توغرىسىدا  دوكلات بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان نويابىر ئېيىدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ بولۇشىنى خالايدىغانلىقى، بىراق (مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) پېنتاگوننىڭ بىر قەدەر ئاستا ۋە پىلانلىق چېكىنىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن پېنتاگون باياناتچىسى جوناتان ھوفمان ، يېقىنقى ئايلاردا تالىبان بىلەنھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىيۇل ئېيىغىچە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 8600 گە قىسقارتىش پىلانىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر