ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 352 مىڭ 287 دىن، يۇقۇملانغانلار 5 مىليون 688 مىڭ 840 تىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 432 مىڭ 236 دىن ئاشتى.

1424128
ئامېرىكادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يۇقۇملانغانلار سانى جەھەتتىن ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 مىڭ 572 دىن ئاشتى. 1 مىليون 725 مىڭ 275 تىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

ئامېرىكادا ھەپتە ئاخىرى تەبرىكلىنىدىغان «خاتىرىلەش كۈنى» (Memorial Day)  پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 37 مىڭ 48 دىن ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ھەقىقىي ساننىڭ 47 مىڭ 343 بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋاپات قەغەزلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بەلگىلىرىنى ئاساس قىلىپ ساناش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئەنگلىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 23-مايغىچە بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرىنىڭ ھەقىقىي سانى 47 مىڭ 343 بولغان.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 78 كىشى ئېشىپ 32 مىڭ 955 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 2 مىڭ 358 كىشى ئازىيىپ 52 مىڭ 942 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە دوختۇرخانىلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 83 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ساناتورىيەلەردىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن، بۇ سان 28 مىڭ 530 غا چىقتى. 24 سائەتتە 520 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە بۇ سان 219 مىڭ 957 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۈچ كۈن بۇرۇن 28 مىڭ 752 دەپ ئېلان قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرى سانىنى، 26-ماي (2020) 26 مىڭ 834 كە چۈشۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن يېقىنقى يەتتە كۈندە 35 كىشى ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى دەپ مەلۇمات تارقاتقان بولسىمۇ، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 27 مىڭ 117 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنىڭ ئاستىدا، گۇمانلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ توغرىلىنىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا مەلۇمات جەھەتتە كېلىشەلمەسلىكلەر بار.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بۈگۈن (2020-يىلى 27-ماي) دىن باشلاپ 10 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى ۋە بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 مىڭ 856 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 10 كىشى ئېشىپ 11 مىڭ 690 غا چىقتى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىنجېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىڭ 39 كىشى ئېشىپ 24 مىڭ 593 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 16 مىڭ 324 كىشى ېشىپ 391 مىڭ 222 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيە 9 مىڭ 334، گېرمانىيە 8 مىڭ 498، مېكسىكا 8 مىڭ 134، كانادا 6 مىڭ 639، شىۋېتسىيە 4 مىڭ 125، پېرۇ 3 مىڭ 788، ئېكۋادور 3 مىڭ 203، شىۋېيتسارىيە 1 مىڭ 915، ئېرىلاندىيە 1 مىڭ 615، پورتۇگالىيە 1 مىڭ 342، پولشا 1 مىڭ 24، چىلى 806، كولومبىيە 776 ۋە بېلارۇسىيە 208.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر