ۋۇخەن ۋىرۇسى ھايۋاندىن ئادەمگە يۇقامدۇ؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ھايۋاندىن ئادەمگە يوقۇش ئەھۋالىنىڭ تۇنجى قېتىم گوللاندىيەدە كۆرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1424061
ۋۇخەن ۋىرۇسى ھايۋاندىن ئادەمگە يۇقامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، گوللاندىيەدىكى پەلتۇ ئۈچۈن بۇلغۇن يېتىشتۈرۈلىدىغان بىر دېھقانچىلىك مەيدانىدىكى ئىككى ئىشچىغا ھايۋانلاردىن ۋىرۇس يۇققانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەھۋال جەزملەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، بۇنىڭ «تۇنجى ھايۋاندىن ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋالى» بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋىرۇسنىڭ باشتىن تارتىپلا ئىنسانغا ھاۋا ۋە يېقىنلىشىش يولى ئارقىلىق يۇقۇپ كەلگەنلىكى، ھايۋانلاردىن يۇقمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر