ئىران نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى ۋېنېسۇئېلاغا يېتىپ باردى

ئىراندىن ۋېنېسۇئېلاغا قاراپ يولغا چىققان بەش نېفىت پاراخوتىنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ ۋېنېسۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

1423709
ئىران نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى ۋېنېسۇئېلاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېسۇئېلا دېڭىز ئارمىيەسى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھېچقانداق كاشىلىغا ئۇچرىماستىن ۋېنېسۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن «Forest» ناملىق پاراخوتقا ھەمراھ بولۇشنى باشلىغانلىقىنى، پاراخوتنىڭ كارابوبو ئۆلكىسىنىڭ ئېل پالىتو پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋېنېسۇئېلا ھاۋا ئارمىيەسىمۇ، پورتقا يېتىپ كەلگۈچە پاراخوتنى قوغداپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈنۈگۈن ۋېنېسۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن «Fortune» ناملىق تۇنجى پاراخوتنىڭ ئېل پالىتوغا يېتىپ بارغانلىقى، ئېلىپ بارغان نېفىت بوشىتىلىشقا باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، «Fortune»، «Forest»، «Faxon»، «Petunia» ۋە «Clavel» ناملىق جەمئىي 1 مىليون 53 مىڭ ۋارىل يېقىلغۇ قاچىلانغان بەش نېفىت پاراخوتىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋېنېسۇئېلا، ئېمبارگولار ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قالماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېغىر ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىران بولسا، ئىشلەپچىقارغان نېفىتلىرىنى سېتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

ۋېنېسۇئېلان پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىنىڭ مەشغۇلاتلىرى توختاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن باش كۆتۈرگۈسى يېقىلغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىراندىن ياردەم تەلەپ قىلغان، تېھران نېفىت قاچىلانغان 5 پاراخوتنى ۋېنېسۇئېلاغا يولغا سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر