جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىردە مۇستەقىللىق تەرەپدارى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1423711
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىردە مۇستەقىللىق تەرەپدارى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە ئىككى ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مودىرى كۇمار بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كۇلگام شەھىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىككى قوراللىق كىشىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، كۆپ مىقداردا قانۇنسىز قورال ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كۇمار، ھانجى پورا ناھىيەسىنىڭ كۇد يېزىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 6 – مايدا پۇلۋاما رايونى بېيغبورا يېزىسىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق «مۇھاجىدلار پارتىيەسى تەشكىلاتى» رەھبەرلىرىدىن رىياز نائىكۇنى ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن رايوندا نامايىش ۋە توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەنىدى.

ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق 75 قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى بىر تەرەپ قىلغان، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ياردەم قىلغان 95 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر