ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى نۇرغۇن سۈيىقەستلەرنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1423188
ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى نۇرغۇن سۈيىقەستلەرنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ۋابانىڭ قۇربانلىرى ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزلىرىگە ئېھتىياجى چۈشكەن دۆلەتلەرگە ياردەم قىلغانلىقلىرىنى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتتى ۋە ئەرز توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ۋىجدانغا خىلاپ، خاتا، ئادالەتسىز ۋە قانۇنغا خىلاپ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكادا خىتاينىڭ ئوبرازىنى يوقىتىشى ئۈچۈن ھەر بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىدىغان «سىياسىي ۋىرۇس» نىڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بەزى ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر نۇرغۇن يالغانلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ناھايىتى كۆپ سۈيىقەستلەرنى پىلانلىدى» دېدى.

ئۇ خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانلارنىڭ خىيالىي دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قەدەمنى تاشلايدىغانلارنىڭ «ئۆزىگە ئۆزى ھاقارەت قىلىدىغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مۇشۇ ئاي (2020-يىلى ماي) نىڭ بېشىدا، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ 27-ئاپرېل ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆلەم تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر