ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى «ئىشغال كىرىزىسى» ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلىش پىلانى» ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1422333
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى «ئىشغال كىرىزىسى» ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلىش پىلانى» ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك جىددىي يىغىن چاقىرىشى قارارلاشتۇرۇلغان.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، 17 – ماي كۈنى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى ئىشغال قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر