ئامېرىكا «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دىن چېكىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپلەر ئارىسىدا قورالسىز چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىغا رۇخسەت قىلىدىغان «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دىن رەسمىي چېكىندى.

1422329
ئامېرىكا «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپ يولغا قويۇۋاتقان <دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى> دائىرىسىدە ئىلگىرىكى بارلىق كېلىشىملەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق، ھەمدە بۇ كېلىشىملەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ چىقتۇق. پىرېزىدېنت ترامپنىڭمۇ ئەسكەرتكىنىدەك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان ھالدا كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئامېرىكاغا پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ قارار چىقىرىشى لازىم. ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە مۇھىم شېرىكلىرىمىزدىن كەلگەن مەلۇماتلار نەتىجىسىدە <ئوچۇق سامالار كېلىشىمى> نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، جۈمە كۈنىدىن باشلاپ <ئوچۇق سامالار كېلىشىمى> دىن چېكىندۇق، بۇ قارار ئۇدا 6 ئاي كۈچكە ئىگە. ئەگەر رۇسىيە كېلىشىمگە تولۇق رىئايە قىلغان قىلسا، چېكىنىش قارارىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈشىمىز مۇمكىن.»

ھەربىي پائالىيەتلەردە ئوچۇق - يورۇق بولۇشنى تەشۋىق قىلىش، قورال – ياراغلارنى كونترول قىلىش ۋە باشقا كېلىشىملەرنى كۆزىتىشنى قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قورالسىز چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغان، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېرروتېرىيەسىدە «ئىشەنچ  تۇرغۇزۇش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش» نى نىشان قىلىدىغان ۋە 1992-يىلى ئىمزالانغان «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» نى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر