دائېشنىڭ ئىككى كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1422178
دائېشنىڭ ئىككى كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ دېيرىزور ۋىلايىتىدىكى دائېش نۇقتىلىرىدا ھەربىي تىنىتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش باغداد مەسئۇلى ئەھمەت ئىسمائىل ئەل زاۋى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئارقا سەپ مەسئۇلى ئەھمەت ئابدۇ مۇھەممەد ھەسەن ئەل جۇغايفىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا دائېشچىلارنى نىشان قىلغان مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتنى، يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتىغا ئەزا تېررورىستلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر