ئىراننىڭ پەلەستىن چېگراسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراننىڭ پاكىستان چېگراسى ئەتراپىدىكى بىر رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى قازا قىلدى.

1421805
ئىراننىڭ پەلەستىن چېگراسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹تەسنىم› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىستان – بەلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سەرباز ناھىيەسىدە ئەتىگەن تەرەپلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى قازا قىلغان.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، مەزكۇر قوراللىق گۇرۇپپا ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر