ئامېرىكا مىڭ بالا كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» خىرىسىغا قارىماي مارتتىن بۇيان كەم دېگەندە مىڭ بالا كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

1421701
ئامېرىكا مىڭ بالا كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەمراھى بولمىغان كەم دېگەندە مىڭ كۆچمەن بالىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، مېكسىكا، سالۋادور، گۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسقا ئەۋەتكەن.

ئوخشاش مەزگىلدە، مېكسىكامۇ 447 كۆچمەن بالىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، گۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسقا قايتۇرۇۋەتكەن.

 UNICEF بۇ بالىلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان دەپ قارىلىپ، زوراۋانلىققا ۋە ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر