شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 334 مىڭ 997 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون 214 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 94 مىڭدىن ئاشتى.

1421837
شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4 مىڭ 634 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان خىتايدا، يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ دۆلەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 82 مىڭ 971 بولدى.

جەنۇبىي كورېيەدە بىر كۈندە 20 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى ۋە ئومۇمىي يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىڭ 142 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى كۈنلۈك بوۋاق بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. بوۋاقنىڭ ئۆلۈمى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ئەڭ كىچىك ياشتىكى ئۆلۈم بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتتە 339 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

سۇداندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 10 كىشى ئېشىپ 121 گە چىقتى.3 مىڭ 138 كىشى يۇقۇملاندى.

يەمەندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 33 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 197 گە چىقتى.

يەمەن ھۆكۈمىتى ۋاباغا دىياگنوز قويۇش ۋە سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 3 مىڭ 31 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 96 مىڭ 829 غا چىقتى.

شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىران 7 مىڭ 300، خىتاي 4 مىڭ 634، ھىندىستان 3 مىڭ 585، رۇسىيە 3 مىڭ 99، ھىندونېزىيە 1 مىڭ 278، پاكىستان 1 مىڭ 67، باڭلادىش 408، سەئۇدى ئەرەبىستان 351، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 237، سىنگاپور 23 ۋە قاتار 17.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر