رۇسىيە ئامېرىكاغا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دىن چېكىنىدىغانلىقىغا دائىر باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى.

1421740
رۇسىيە ئامېرىكاغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا، دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «‹ Rossiya-2› قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <ئوچۇق سامالار كېلىشىمى> دىن چېكىنىدىغانلىقىغا دائىر ئۇقتۇرۇشى ياكى باياناتى دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە يەتكۈزۈلگىنى يوق. دەرۋەقە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئېنىق بېكىتىشىنى كۈتمەكتە.»

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر گرۇشكو، رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىشى، ياۋروپانىڭ مۇقىملىقى ۋە ھەربىي بىخەتەرلىكىگە قارىتا يېڭى بىر زەربە بولىدۇ.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قورال – ياراغلارنى كونترول قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋىلادىمىر يېرماكوۋ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېلىشىمدىن چېكىنگەن تەقدىردە، «بى پىلانلىرىنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر