پاكىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

پاكىستان خەلقئارا ھاۋا يوللىرى (PIA) نىڭ لاھور-كاراچى سەپىرىدە ئۇچۇۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كاراچى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1422032
پاكىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان خەلقئارا ھاۋا يوللىرىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل ساتتار 99 يولۇچى ۋە سەككىز ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان ئايرباس «A-320» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ لاھور ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ كاراچى ئەتراپىغا كەلگەندە، بىر تۇرالغۇ رايونىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا نۇرغۇن بىنا ۋە ئاپوموبىللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. نەق مەيدانغا نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پاكىستان ئارمىيەسى رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر