پەلەستىن CIA بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرگە رىئايە قىلماسلىق توغرۇلۇق قارار چىقارغان پەلەستىن ھۆكۈمىتى CIA بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1421744
پەلەستىن CIA بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى يۇتۇۋېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، پەلەستىن ئىستىخباراتىنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى CIA بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « CIAدائىرىلىرىغا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى 48 سائەت بۇرۇن يەتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، نە ئىسرائىلىيە بىلەن، نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھەمكارلىقىمىز بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر