كېڭەش پالاتاسى راتكلىفنىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورلۇقى(DNI) غا كۆرسەتكەن نامزاتى جون راتكلىف (John Ratcliffe) نى تەستىقلىدى.

1422017
كېڭەش پالاتاسى راتكلىفنىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، تېكساس ئىشتاتىنىڭ ۋەكىلى بولغان جون راتكلىفنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات نامزاتلىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلاندى. 49 كېڭەش پالاتاسى جون راتكلىفنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى، پالاتادىكى 44 دېموكرات ئەزاسىنىڭ ھەممىسى رەت بېلىتى تاشلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپنى قوللايدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان قون راتكلىف ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ ترامپنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن باشلانغان تەكشۈرۈشلەردە، پىرېزىدېنتنى قوللىغان تەرەپتە تۇرغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دان كوۋتس (DanCoats) 2020-يىلى 15-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، راتكلىفنى ئۇنىڭ ئورنىغا نامزات كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق، راتكلىف كونگرەنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن نامزاتلىقتىن چېكىنگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر