ترامپ: خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى رەزىللىكتۇر

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ ئامېرىكا توغرىسىدا قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1421157
ترامپ: خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى رەزىللىكتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا: «باياناتچى جاۋ خىتاي نامىدىن كالۋالارچە گەپ قىلىپ، دۆلىتىنىڭ دۇنياغا تارقاتقان ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۈستىدە قىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقات ھۇجۇملىرى رەزىللكتۇر» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنى دەسلەپكە كۈنلەردىلا توسۇۋالالايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي چوڭ تەتۈر تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى خامۇش جو بايدىننىڭ سايلامدا ئۇتۇشى ۋە مەن ۋەزىپىگە كېلىشكىچە بولغان نەچچە ئون يىلدىن بىرى قىلىغىنىدەك داۋاملىق ئامېرىكانى قويۇۋېتىشتە ئۈمىدسىز.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدە توختالغاندا: «جەمئىيەتكە خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنى قارىلاپ، ئامېرىكانىڭ ۋاباغا قارشى كۈرىشىدىكى يېتەرسىزلىكىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكالىق بەزى سىياسەتچىلەرنى باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىشتىن ۋاز كېچىپ، خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ۋابانى بىرلىكتە يىڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى (2020-يىلى 18-ماي) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) قا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، ئىسلاھات قىلمىغان تەقدىردە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىلىۋاتقان فوندلارنىڭ 30 كۈندىن كېيىن «ئۇزۇن مۇددەتلىك» توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ 2020-يىلى 14-ئاپرېل دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋاباغا قارشى تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولۇش ۋە خىتايغا يانبېسىش بىلەن ئەيىبلەپ، تەشكىلاتقا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر