ترامپ بىلەن ماكرون تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، لىۋىيەدىكى جىددىيچىلىكنىڭ بالدۇرراق پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

1421054
ترامپ بىلەن ماكرون تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دونالد ترامپ بىلەن ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تۈنۈگۈن ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەم دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ قايتىدىن پائالىيەت باشلاش جەريانى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ پات پۇرسەتتە چاقىرىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ترام بىلەن ماكروننىڭ رايون ۋە ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، «ترامپ بىلەن ماكرون، لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ سىرتنىڭ مۇداخىلىلىرى تۈپەيلى ناچارلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر