لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتە ئەتراپىدىكى ھافتەر كۈچلىرىگە ھاۋادىن زەربە بەردى

لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى سىرتە شەھىرى ئەتراپىدىكى ھافتەر قوراللىقلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

1420881
لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتە ئەتراپىدىكى ھافتەر كۈچلىرىگە ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى رەسمىي باياناتچىسى پولكوۋنىك مۇھەممەد قۇنۇنۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سىرتە شەھىرىنىڭ مەرراھ رايونىدا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە قاراشلىق ئۇنسۇرلار تۇرۇۋاتقان رايونلاردا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى، ئۆلگەن ياكى يارىلانغان بولۇپ جەمئىي 12 ئۇنسۇرنىڭ ھۇجۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قۇنۇنۇ، خەلقنى ھەربىي رايونلار ۋە توقونۇش ساھەلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ، لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پىلانلانغىنى بويىچە تەرھۇمە ۋە سىرتە ئەتراپىدىكى ۋەشكەن رايونىدا چارلاش ئۇچۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەرھۇنە شەھىرىگە 5 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە ھافتەر كۈچلىرىنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن 8 دانە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى يوقىتىپ تاشلىغان، بىتچىت قىلىنغان سىستېمىلارنىڭ بىرى تۈنۈگۈن پايتەخت تىرابلۇستىكى شېھىتلەر مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر