ئافغانىستاندا ئىستىخبارات بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدىكى ئىستىخبارات بىناسىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى قازا قىلدى.

1419353
ئافغانىستاندا ئىستىخبارات بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاھىدۇللاھ جۇمەزادەھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 7 نەپەر ئاخبارات خادىمى قازا قىلغان ، 40 ى يارىلانغان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يارىلانغانلاردىن 8 ىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەن. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر