ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى دىلايە شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىدا بىرى پۇقرا بولۇپ، 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1418444
ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيالە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن بىرىنچى لېيتېنانت سالان ئەلكامىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ، دىيالە شەھىرىنىڭ ئەلئەزىم ناھىيەسىگە قاراشلىق ئەلبۇمەرا يېزىسىدا، ھەشدى شەئبى كۈچلىرىنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككىسى يارىلانغان.

باغداد جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن يەنە بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغدادنىڭ شىمالىدا دائېش تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 25 ياشلىق بىر پۇقرا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى، تارىمىيە رايونىغا قاراشلىق بىر قىشلاقتىن تېپىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر