ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىدۇ

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 303 مىڭ 438 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 527 مىڭ 811 دىن ئاشتى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى بولسا، 1 مىليون 706 مىڭ 174 كە يېقىنلاشتى.

1417831
ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 85 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ پات ئارىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يىل ئاخىرىغىچە بىر ۋاكسېنا قولىمىزدا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى يىللىق كىرىمى 40 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ %39 نىڭ، مارت ئېيىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىئولوگىيەلىك ئىلغار تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ سابىق دىرېكتورى برايت (Bright): «كۈز پەسلىگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، ئامېرىكا زامانىۋى تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ قىشىغا دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 262 كىشى ئېشىپ  31 مىڭ 368 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 2 مىڭ 17 كىشى ئازىيىپ 76 مىڭ 440 قا تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 351 كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 425 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 521 كىشى ئېشىپ 214 مىڭ 690 غا چىقتى.

سېرىق جىلىتكىلىقلارنىڭ ياغۇن مۇنتپېلى (yaron Montpellier) ۋە بوغدۇ (Bordeaux) شەھەرلىرىدە نامايىش قىلىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەكلەندى.

2019-يىلى پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان ۋە كېيىنچە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلانغان نامايىشلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان سېرىق جىلىتكىلىقلار، ئىككى ئايدىن بۇيان ۋىرۇس سەۋەبىدىن سىرتقا چىقالمايۋاتقان ئىدى.

كانادادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 293 كىشى ئېشىپ 5 مىڭ 576 گە، يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 2 مىڭ 244 كىشى ئېشىپ 73 مىڭ 401 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيە 33 مىڭ 614، ئىسپانىيە 27 مىڭ 321، بېلگىيە 8 مىڭ 903، گېرمانىيە 7 مىڭ 928، گوللاندىيە 5 مىڭ 590، مېكسىكا 4 مىڭ 477، شىۋېتسىيە 3 مىڭ 529، پېرۇ 2 مىڭ 267، شىۋېيتسارىيە 1872، ئېرىلاندىيە 1506 ۋە پورتۇگالىيە 1184.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر