دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقادىكى ئۇزۇقلۇق يېتىشمەلىك مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا مۇدىرى در. ماتشىدىسو موتىي، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېتەرسىز ئۇزۇقلىنىۋاتقان 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1417696
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موتىي، تېلېفون ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، ئافرىقىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ جىددىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
موتى، نۆۋەتتە 200 مىليون كىشىنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ««كوۋىد - 19 ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى» دېدى.
70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدە يۇقۇم بايقالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ھازىرغىچە 2500 ئەتراپىدا ئادەم قازا قىلدى.