دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋۇخەن ۋىرۇسىمۇ ئەيدىزگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك كېسەللىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ئەھۋاللار بۆلۈمى دىرېكتورى مايك رىيان، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1416964
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋۇخەن ۋىرۇسىمۇ ئەيدىزگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك كېسەللىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك رىيان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ، تەشكىلاتنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

نۇرغۇن دۆلەتلەردە نورمال تۇرمۇشقا قايتىش ئۈچۈن «تەدبىرلەرنى بوشىتىش» قەدەملىرىنىڭ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن رىيان، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇمنى كونترول قىلىش «يولىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھەممىمىز، يېڭى يۇقۇم دولقۇنلىرى بايقالماي تۇرۇپ، تەدبىرلەر بوشىتىلغان تەقدىردە، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە ئىقتىسادىي ئاپەتلەرنىڭ ئايىغى چىقماس ھالەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «مەن شۇ نۇقتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ ۋىرۇس جەمئىيەتلىرىمىزدە تارقىلىشچان كېسەل پېتى داۋاملىشىشى، يوقىماسلىقى مۇمكىن» دېدى.

«ئەيدىز ۋىرۇسى يوقالمىدى، بىز ئۇنىڭ شەرتلىرىگە ئادەتلەندۇق» دېگەن رىيان، ئۇلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققانلىقلىرىغا، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ بۇ ۋىرۇستىن بۇرۇنقىدەك قورقمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر