تۈركىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان قىز تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئافرىقىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئىتالىيە پۇقراسى سىلۋىيا رومانو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن تەھدىتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1416490
تۈركىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان قىز تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 18 ئاي گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋە دۆلىتىگە يوللانغان رومانوغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەھدىد ۋە ھاقارەتلىك ئىنكاسلار يوللانغان.

خەۋەرلەردە، تىلغا ئېلىنغان ئۆچمەنلىك ئىنكاسلىرى ۋە تەھدىتلەرنىڭ ئەسلىدە بۇ ياش قىزنىڭ ئىسلامنى تاللىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئىنكاس قايتۇرغۇچىلاردىن بىرسىنىڭ شىمالدىكى ئاسولو شەھىرى ھۆكۈمىتى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى نىكو باسسو ئىكەنلىكى ۋە باسونىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا بۇ ياش قىزنى ئىما قىلغان ھالدا «ئۇنى ئېسىڭلار (يەنى ئۆلتۈرۈڭلار)» دەپ يازغانلىقى، ئاندىن ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مىلان تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىلىرىگە قەدەر يەتكەن نەپرەتلىك سۆزلەرگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە، رومانونى يېقىندىن قوغدىۇچى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنىڭمۇ  مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەرلەردە مىلانو ساقچىلىرىنىڭمۇ رومانونىڭ ئۆيى جايلاشقان كوچىدا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سىلۋىيا رومانو ئەسلىدە"Africa Milele"  ناملىق ئىجتىمائىي ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋانگارت ئەزاسى سۈپىتى بىلەن كېنىيەگە يېتىپ بارغاندا 2018 - يىلى 20 -  نويابىردا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 18 ئايغىچە گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) نىڭ ياردىمى سايىسىدا 9 – مايدا ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر