ب د ت ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم ۋە سۈرىيەدىكى يۇقۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئىدلىبتىكى يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىر مىليون كىشىگە قىلىنغان ئىنسانىي ياردەم تۈركىيەدىن يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1416247
ب د ت ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم ۋە سۈرىيەدىكى يۇقۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سۈرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ بايقالغانلىقىنى، دۇنيا مىقياسىدا 8 مىليون پۇقرانىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئىدلىبتىكى يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىر مىليون كىشىگە قىلىنغان ئىنسانىي ياردەم تۈركىيەدىن يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت دۇنيا يېمەكلىك پىروگراممىسى ئىدارىسىنىڭ پېشقەدەم باياناتچىسى ئېلزابېت بىرس ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، نۇقتىلىق ھالدا ئىدلىبتىكى ئىنسانىي پاجىئە توغرىسىدا توختىلىپ، «2019- يىلى دېكابىردىن باشلاپ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 940 مىڭ ئادەم ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.  ھازىر بۇلار كوۋىد – 19 نىڭ ۋەيران قىلغۇچ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئادەملەر دەرىجىدىن تاشقىرى زىچ لاگېرلاردا ياشىماقتا» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئېلزابېت بىرس، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ سۈرىيەگىمۇ تارقالغانلىقىنى، بىراق، ۋىرۇسنى كونترول قىلىش يولىدا تاشلانغان قەدەملەرنى تېخى كۆرمىگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئۇ سۈرىيەدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 8 مىليون ئەتراپىدىكى پۇقرانىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن مەھرۇم قېلىش ئەھۋالىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىرس، ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، بالىلار پاراۋانلىق فوندى ۋە شېرىكلىرىنىڭ مارت ئېيىدا دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 1 مىليون 700 مىڭ كىشىنى ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ تۈركىيەدىن ئارقىلىق قىلغان يېمەكلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كىشىلەرنى (ۋىرۇسقا قارشى) كۈچلۈك تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

45 يۈك ماشىنىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تۈنۈگۈن ب د ت تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئەۋەتىلگەنىدى.

ب د ت ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان يۈك ماشىنىلىرى تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان خاتاي شەھىرىنىڭ رەيھانلى رايونىدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر