ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى زور مىقداردا ياردەم تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار پاراۋانلىق فوندى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 1 مىليارد 600 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

1416329
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى زور مىقداردا ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەجەللىك ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرى ۋە بالىلارنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئېلان قىلغان 651 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ياردەم تەلىپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بەشىنچى ئايغا كىرگەن يۇقۇمنىڭ تەمىنلەش ۋە توشۇش باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليارد 600 مىليون دوللار ياردەم تەلەپ قىلىندى

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى ئىجرائىيە دىرېكتورى ھېنرىئېتتا فور، «بىر ساغلاملىق كىرىزىسى بولغان بۇ يۇقۇم تېز سۈرئەتتە بالىلار ھوقۇقى كىرىزىسىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. مەكتەپلەر تاقىلىپ قالدى، ئائىلىلەر ئىشسىز قىلىپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. كوۋىد -19 كېيىنكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاش جەريانىدا، بۇ مەبلەغ بىزنىڭ كىرىزىسقا قارشى تۇرۇش، ياخشىلىنىش ۋە بالىلارنى كىرىزىسنىڭ تەسىرىدىن قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ» دېدى.

بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى بالىلارنىڭ % 77 ى، يەنى 1 مىليارد 800 مىليون بالا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، بالىلارغا زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلىش مۇشۇ جەرياندا كۆپىيىپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر