ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئىباراكى ئىشتاتىدا 5.5 بال، ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئىشتاتىدا 5.7 بال يەر تەۋرىدى.

1414816
ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئىباراكى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئىشتاتىدا 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مەركىزى ئىباراكى ئىشتاتى بولغان 5.5 بال يەر تەۋرەش، يەردىن 50 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

شۇ يەر ۋاقتى 8 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەتراپتىكى ئىشتاتلاردىمۇ ھېس قىلىنغان.

دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە كىلىمات ۋە گېئو فىزىكا ئىدارىسى 5.7 بال يەر تەۋرەشنىڭ، مەركىزى مالۇكۇ ئىشتاتىغا قاراشلىق غەربىي مالۇكۇ تېڭگارا رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا 276 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە دېڭىز ساھىلى بولغان جايدا، يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

2019-يىلى 26-سېنتەبىر مالۇكۇ ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئامبوندا 6.8 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 36 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر