ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدىغان بولدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرىغا بېرىلدىغان ۋىزا مۇددىتىنى 90 كۈنگە چۈشۈرىدىغان بولدى.

1414280
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇخبىرلارغا قارىتىلغان پوزىتسىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىرىكچىلىك يۇقۇرى پەللىگە چىقتى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىتاي مۇخبىرلىرىغا بېرىلگەن ۋىزا مۇددىتى ھەققىدە يېڭى قارارنامە ماقوللىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويماقچى بولغان قارارىغا بىنائەن، خىتاي مۇخبىرلىرىغا بېرىلگەن ۋىزا مۇددىتى 90 كۈن بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ بۇ مۇددەت ئۇزارتىلىشىمۇ مۇمكىن. خوڭكوڭ ياكى ئاۋمىن مۇخبىرلىرى بۇ يېڭى قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئالدىنقى قارارنامىدا، مۇخبىرلار ئىشلىگەن شىركەتنى ئالماشتۇرمىغان تەقدىردە، بىر ۋىزا بىلەن 5 يىل تۇرالايتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 19- فېۋرالدا پايتەخت بېيجىڭدا «Wall Street Journal»   مۇخبىرلىرىنىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پومپېيو 2 - مارتتىكى يازما باياناتىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ 5 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلىرى سانىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن خىتاي دۆلىتىگە تەۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلار سانىغا مۇددەتسىز ھالدا چەكلىمە قويىدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاي بۇنىڭغا قارىتا  17-مارتتا ئامېرىكىنىڭ 3 ئاخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەش رۇخسىتىنى بېكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر