خىتاينىڭ كاناداغا ساتقان سۈپەتسىز ماسكىلىرى نارازىلىق قوزغىدى
كانادانىڭ خىتايدىن سېتىۋالغان N95 تىپلىق 11 مىليون ماسكىسىدىن 8 مىليونىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
1414227
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبېك ئىشتاتلىق سېتىۋېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى ئانىتا ئاناند 11 مىليون ماسكا ئىچىدە تەخمىنەن بىر مىليون ماسكىنىڭ ئۆلچەمگە يېتەلەيدىغانلىقىنى، 8 مىليون ماسكىنىڭ بولسا، ئىشلىتىشكىمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئانىتا ئاناند قالغان ماسكىلارنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلچەمگە توشمايدىغان 8 مىليون ماسكىغا قارىتا باشقىچە يول تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئالدىنقى ئاي خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان N95 تىپلىق بىر مىليون ماسكادىمۇ چاتاق چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.
فېدېراتىپ ھۆكۈمەتتىن مەسىلە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىنمىدى.