ئىراقتا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتە ئىككى تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا ئىككى تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

1413899
ئىراقتا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتە ئىككى تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كەركۈكتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ھىمرىن تاغلىرى ئەتراپىدىكى تارتاۋى يېزىسىدا قۇرغان تۇزاققا چۈشۈپ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.

ھەشدى شەئبى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، سالاھىدىن شەھىرىگە قاراشلىق ئەلھۇمەيدا، ئەلئاۋاشىرە ۋە ئەبۇ رۇقبە رايونلىرىدىكى دائېشچىلار تۇرۇۋاتقان نۇقتىلارغا زەبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر