ترامپ گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مالايشىيا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھيىددىن ياسىن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1413894
ترامپ گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مالايشىيا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى جاد دېرې، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ترامپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋروپادا گېرمانىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەققىدە توختالدى. ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار، گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر، رايونلۇق مەسىلىلەر، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مۇساپىسىدىكى ئىجابىي نەتىجىلەر، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ئىككى رەھبەر، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى باھا مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ترامپنىڭ مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھيىددىن ياسىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ترامپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ <ھاۋا كۆۋرۈكۈ لايىھەسى> نى قوللىغانلىقى ۋە زەنجىرسىمان تەمىنلەش پىلانىغا ئىشىكلىرىنى داۋاملىق ئېچىش تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى مالايشىيا باش مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى. ئىككى رەھبەر يەنە، يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدە ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشۋىق قىلىش، ئامېرىكا – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر