دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 276 مىڭ 253 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 14 مىڭغا، ساقايغانلار سانى بىر مىليون 387 مىڭ 274 كە يەتتى.

1413788
دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىرۇسنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلگەن 2181 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 78 مىڭ 616 گە، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 322 مىڭ 163 كە يەتتى. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ ئىشخانىسىدىن بىر كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. ئالدىنقى كۈنىمۇ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرىدە ۋىرۇس بايقالغانىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 626 كىشى كۆپىيىپ، 31 مىڭ 241 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىڭ 649 كىشى كۆپىيىپ، 211 مىڭ 364 كە يەتتى. دۆلەتتە 23 – مارتتا باشلانغان ۋە 16 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى توشتى. لېكىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى يېنىكلىتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار يول خەرىتىسى، باش ۋەزىر بورىس جونسون تەرىپىدىن ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىتالىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 243 كىشى كۆپىيىپ، 30 مىڭ 201 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 217 مىڭ 185 كە يەتتى.

فىرانسىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 243 كىشى كۆپىيىپ، 26 مىڭ 230 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 642 كىشى كۆپىيىپ، 176 مىڭ 79 غا يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7510 غا يەتكەن گېرمانىيەدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ يېنىكلىتىلىشى دائىرىسىدە جامەلەردە قايتىدىن ئاممىۋى ھالدا ئىبادەت قىلىنىشقا باشلىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئىسپانىيەدە 26 مىڭ 299 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ھۆكۈمەت، كۈندىلىك ھاياتنى تەدرىجىي ھالدا ئىزىغا چۈشۈرۈش مەزگىلىدە، 11 – ماي كۈنىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش باسقۇچىنىڭ ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ % 51 تىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەتتىكى 17  ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن 11 ى بىلەن ماراكەشتە تېرروتېرىيەسىدە بولۇشىغا قارىماي ئىسپانىيەگە قاراشلىق بولغان سېئۇتا ۋە مېلىلا شەھەرلىرىدە تامامەن بىرىنچى سەۋىيەدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، باشقا رايونلاردىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى جايلاردا بولسا، ئىككىنچى سەۋىيەدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان مادرىد، بىرىنچى سەۋىيەدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تامامەن چەكلەنگەن بىردىنبىر ئاپتونوم رايون بولدى.

بىرازىلىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 751 كىشى كۆپىيىپ، 10 مىڭ 17 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 146 مىڭ 894 كە يەتتى.

بەزى ياۋروپا ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 8 مىڭ 521؛ گوللاندىيەدە 5 مىڭ 359؛ كانادادا 4 مىڭ 678، شىۋېيتسىيەدە 3175؛ مېكسىكادا 3160؛ شىۋېتسارىيەدە 1823، پېرۇدا 1714؛ ئېكۋادوردا 1704؛ ئېرىلادنيەدە 1429؛ پورتۇگالىيەدە 1114؛ رومېنىيەدە 923؛ پولشادا 776؛ ئاۋسترىيەدە 614؛ دانىيەدە 522؛ كولومبىيەدە 428؛ چىلىدا 294.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر