كېڭەش پالاتاسى ترامپنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان لايىھەنى تەستىقلىمىدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى «كونگرەنىڭ تەستىقى بولماستىن» ئىشلىتىشىنى توسىدىغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەنكى ئايلاردا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان، ئەمما پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان مەزكۇر لايىھە، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 7-ماي) كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشتىن ئۆتەلمىدى.
كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك بولغان لايىھەنى يەتتە جۇمھۇرىيەتچى قوللىغان بولسىمۇ، 44 ئاۋازغا قارشى 49 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللانمىدى.
كونگرەنىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا ئىران مەسىلىسىدىكى ئەڭ روشەن ئىنكاسى دەپ قارىلىۋاتقان لايىھەنى، 2020-يىلى 13-فېۋرال كېڭەش پالاتاسى تەستىقلىغان. 12-مارتتا بولسا، ئاۋام پالاتاسى تەستىقلىغان ۋە پىرېزىدېنتنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى.
پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، لايىھەنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ دېموكراتلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنى پارچىلاپ، 3-نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىنتايىن نومۇس قىلارلىق لايىھەدۇر» دېگەن ئىدى.