كىم جوڭئۇننىڭ شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

شىمالىي كورېيە لىدېرى كىم جوڭئۇن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئۇتۇقى سەۋەبىدىن تەبرىكلىدى.

1413231
كىم جوڭئۇننىڭ شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، كىم جوڭئۇنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا «خىتاي دۆلەت رەئىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە زەپەر قۇچۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن»لىكىنى خەۋەر قىلدى. بىراق، كىم جوڭئۇننىڭ تېلېگراممىنى قاچان ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ھەتتا ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققاندىن كېيىن، كىم جوڭئۇننىڭ پايتەخت پىيوڭياڭدىكى بىر ئۇغۇت زاۋۇتىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىكى فوتو – سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغانىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆز – چۆچەكلەرگە خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، بەزى ئانالىزچىلار، مېڭىش شەكىلدە بىر خىل غەلىتىلىك بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ: #كورېيە , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر