زەرىف كازىمىنى تەبرىكلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، مىنىستىرلار كابىنېتى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمىنى تەبرىكلىدى.

1412802
زەرىف كازىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان باش مىنىستىر كازىمىنى، ئىچكى كابىنېتىنى ، پارلامېنتنى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئىراق خەلقىنى تەبرىكلەيمەن. ئىران، ھەردائىم ئىراق خەلقى ۋە ئۇلار سايلىغان رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراقنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى مۇستافا كازىمىنىڭ 22 كىشىلىك ئىچكى كابىنېتى 15 مىنىستىرنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنىدى.

باش مىنىستىر كازىمى ۋە ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەن 15 مىنىستىر، پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر