سومالىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1412687
سومالىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سومالىنىڭ پۇنتلاند، گالمۇدۇگ ۋە جۇبالاند رايونلىرىدا باشلانغان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 16 كىشى قازا قىلغان، 200 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەزكۇر رايونلاردا سۇ ئاپىتىدىن سىرت يەنە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋە چېكەتكە يۇقۇمىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتكەن بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

سومالىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 873 كىشى يۇقۇملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر