لىۋىيەدە ھەفتەر كۈچلىرىگە قورال توشۇغان ئايروپىلان سوقۇۋېتىلدى

لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھەفتەرگە ئوق-دورا ۋە قورال توشۇغان يۈك ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمغا قونغاندىن كېيىن سوقۇۋېتىلدى.

1412656
لىۋىيەدە ھەفتەر كۈچلىرىگە قورال توشۇغان ئايروپىلان سوقۇۋېتىلدى
Fayiz es-Serrac.jpg
libya ucak vurma.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «غەزەب ۋولقانى» ئاخبارات مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 5-ماي تېرخۇن ئايرودرومىغا قونغاندىن كېيىن ھەفتەر قوراللىق كۈچلىرىگە قورال-ياراغ ئېلىپ ماڭغان ئانتونوف تىپىدىكى يۈك ئايروپىلانىنىڭ، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن سوقۇۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ، ئوق ئېتىلغاندىن كېيىن ئايروپىلاندىكى ئوق-دورىلارنىڭ پارتىلىشىنىڭ، ھەفتەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد ئەل مىسسارىنىڭ ئايروپىلاندا داۋالاش بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاخبارات مەركىزى يەنە، سۈرىيەنىڭ دەمەشق ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىققان سۈرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى «Cham Wings» ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە «Airbus 320» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ لىۋىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، راداردىن غايىب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھاۋا مۇتەخەسسىسلىرى ، ئىووردانىيە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ، ئايرودۇرۇمغا قونغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى ئايروپىلانغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن ئىز قوغلاش سىستېمىسىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەراج 2011-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلىنغان لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگو قارارىنى كەڭ دائىرىدە نازارەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى لۇئىگى دى مايو (Luigi Di Maio ) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن سەرراج ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال ئېمبارگوسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئاقدېڭىزدا يولغا قويۇلغان «ئېرىنى ھەرىكىتى» گە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە پەقەت دېڭىزدىكى نازارەت سەۋەبىدىنلا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سەرراج، قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ۋە ھاۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپلىق نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خەت ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

دى مايو بولسا : «ئىتالىيە لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي مۇساپىنى قوللايدۇ دېدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر