ئىراندا 5.1 بال يەر تەۋرىدى
ئىراننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان لورىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق فىرۇز ئاباد شەھىرىدە 5.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.
1411937
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇز ئاباد شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12.37 دە 5.1 بال ۋە 7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى، ھەمدە ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.