ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سۈيىقەست يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرستېتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر ئاكادېمىك ئۆيىدە ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى.

1412120
ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سۈيىقەست يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى تەتقىق قىىلۋاتقان بىر ئاكادېمىكنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈك ھالدا بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پىتسبۇرگ شەھىرىگە قاراشلىق روس (Ross) بازارلىق ساقچى ئىدارىسى مىللىتى خىتاي بولغان ئۇنىۋېرستېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بىڭ ليۇنىڭ باش، بويۇن ۋە بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوق ئىزىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرستېتى مەزكۇر ئاكادېمىكنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر تەتقىقاتنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى تەرەپ بۇنىڭ ناھايىتى ئېنىق بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر