جەنۇبىي كورېيە ئىستىخباراتى كىم جوڭئۇننىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (NIS)، سالامەتلىكى ناچار ياكى ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1412030
جەنۇبىي كورېيە ئىستىخباراتى كىم جوڭئۇننىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە  ئاگېىتلىقى«Yonhap» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (NIS)،  شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان «يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىندى» دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۇرگەن.

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزالىرىغا يوللانغان دوكلاتتا،  كىم جوڭئۇننىڭ يىل بېشىدىن بۇيان 17 قېتىم ئاشكارا ھالدا خەلق ئارىسىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلۈپ،  بۇنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %66 تۆۋەن بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا كىم جوڭئۇننىڭ يۈرىكىنىڭ سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلۇقى تەكىتلەندى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «يېنىك دەرىجىدىكى داۋالاش ئۈچۈنمۇ  4-5 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەن قاراشلىرى ھەمبەھىرلەندى.

دوكلاتتا يەنە، «كىم جوڭئۇن گەرچە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىغا چىقمىسىمۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئادەتتىكىدەك باشقۇرۇپ كېتىپ بارىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر